باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەيزاۋات قوغۇنلىرى پايتەختىمىز بېجىڭدا سېتىلىشقا باشلىدى

كۈرەش ياقۇپ فوتوسى

2015.07.13 11:16   مەنبە: خەلق تورى

پەيزاۋات قوغۇنلىرى پايتەختىمىز بېجىڭدا سېتىلىشقا باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پەيزاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كۈرەش ياقۇپ فوتوسى خەۋىرى) پەيزاۋات دېھقانلىرى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ پەن تېخنىكا ئارقىلىق ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق قوغۇن سورتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بالدۇر تېرىش، ئىلمى باشقۇرۇش، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، قوغۇن مايسىسىدا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كىسەللەرگە قارتا بالدۇر بايقاش ،ۋاقتىدا دورىلاش،ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇل چارىلار ئارقىلىق پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ سۈپىتىنى ۋە سورتىنى ياخشىلاپ پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى دۆلىتىمىز ئىچى سىرتىغا تونۇتۇش ئۈچۈن تىرشتى.

  2015-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ناھىيەمىزنىڭ غولتوغاق 3-يېزا مەركىزىگە جايلاشقان پەيزاۋات قوغۇنىنى سېتىپ چىقىرىش مەركىزىدە قوغۇنچى دىھقانلارنىڭ بەس –بەستە قوغۇن سېتىپ چىرايىدىن مول -ھوسۇل خوشاللىقى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقى، ئىچكىر ئۆلكىلەردىن قوغۇن سېتىۋېلىشقا كەلگەن قوغۇن سودىگەرلىرىنىڭ بەس-بەستە قوغۇن سېتىۋېلىپ يېشىكلەرگە قاچىلاپ ماشىنىلارغا بېسىپ ئىچكىر ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقان كۆرۈنۈشلەر مىنىڭ ئىختىيارسىز سۈرەت تارتىش ھەۋىسىمنى قوزغاپ بۇ بىرقىسىم سۈرەتلەرنى تارتىپ چىقتىم ۋە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۇچۈن بېيجىڭدىن كەلگەن قوغۇن سودىگىرى ۋاڭ يۇڭ بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پەيزاۋات قوغۇنىنى سېتىۋېلىش ئۇچۈن بۈ جايغا ھەر يىلى كېلىمەن. 10يىل بولدى مەن ھەريىلى نەچچە ئون تۈمەن پەيزاۋات قوغۇنى سېتىۋېلىپ بېيجىڭ بازىرىدا سېتىپ چىقىرىمەن سوداممۇ خېلىلا ياخشى چۈنكى پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ تەمى تاتلىق سۈپىتى ياخشى يېشىل يىمەكلىك بولغاچقا بۇ يىلمۇ ھازىرغىچە 10ماشىنىدىن كۆپرەك پەيزاۋات قوغۇنىنى سېتۋېلىپ بېيجىڭغا ماڭدۇرۇپ بولدۇم.

  ناھىيەمىز دېھقانلىرى بۈ يىل 200مىڭ مو پەيزاۋات قوغۇنى تېرىغان بولۇپ ناھىيەلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى قوغۇنلارنىڭ ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى بازارلاردا سېتىلىش يوللىرىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ «شىنجاڭ ئىچى سىرتىغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش سەھنىسى» قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ داڭلىق ماركا يارتىش ئۇچۈن ئۈرۈمچى ،بېيجىڭ ،شاڭخەي گۈاڭجۇ ،خاڭجۇ قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم بولغان پەيزاۋات يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش تور نوقتىسى قۇرۇپ چىقىپ ۋە خادىملارنى سەپلەپ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ ئوبراز ماركىسىغا دەخلى تەرۈز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى .

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى