تاشلىۋېتىلگەن ياپونىيەلىك، جۇڭگودىن ۋەتىنىگە قايتقانلار توكيو ياپونىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى چىتيەن چېڭجياڭ (ئالدىدا) باشقىلارنى بېقىۋالغان جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار قەبرىستانلىقىغا گۈل قويدى ھەم تاۋاپ قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
تاشلىۋېتىلگەن 54 ياپونىيەلىكتىن تەشكىللەنگەن «توكيو ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۆمىكى» 13-ئىيۇل خاربىن شەھىرىنىڭ فاڭجېڭ ناھىيەسىدە باشقىلارنى بېقىۋالغان جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن تاشلىۋېتىلگەن ياپونىيەلىكلەر 1945-يىلى ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى ئالدىراش-تىنەش چېكىنگەندە، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىغا تاشلىۋېتىپ كەتكەن ھەم جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان ياپونىيەلىك يىتىم بالىلار.
نۇرغۇن يېتىم بالا تاشلىۋېتىلگەن ۋاقتىدا ئارانلا نەچچە ئايلىق ئىدى، ھازىر، ئۇلار 70 نەچچە ياشقا كىردى. باشقىلارنى بېقىۋالغان جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار قەبرىستانلىقى ئالدىغا كەلگەندە، تاشلىۋېتىلگەن نۇرغۇن ياپونىيەلىك ناھايىتى ھاياجانلاندى. جۇڭگودىن ۋەتىنىگە قايتقانلار توكيو ياپونىيە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى چىتيەن چېڭجياڭ: «مېنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانام بۇ جايغا دەپنە قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن، باشقىلارنى بېقىۋالغان بارلىق جۇڭگولۇق ئاتا-ئانا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى يوقلىغانلىق ئۆزەمنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانامنى يوقلىغانغا ئوخشاش» دېدى.
مەنبە: خەلق تورى