باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇھىم كاتتىبېشى ئافغانىستاندا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2015.07.13 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، كابۇل، 11-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 11-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىپ: «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتى»نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 30 ئەزاسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: «شام ئىسلا دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشىنىڭ ئىسمى خافىز سەئىد. ئامېرىكا ئارمىيەسى 10-ئىيۇل كەچتە ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇمدا خافىز سەئىد ۋە «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن 30 ئەزاسى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتى كۈچلىرى تەدرىجىي ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتى، دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا نانگارخار ئۆلكىسىدە كۆپ قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇمدا «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئەربابى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر