سۈرەتتە: جەنك بىلەن شادى مۇھەممەت ئەلىدىن شىنجاڭدىكى يەرلىك رامىزان ئېيى ئۆرپ-ئادىتىنى ئاڭلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان مۇھەممەت ئەلى بىر تەقۋادار مۇسۇلمان، پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئىدى. 11-ئىيۇل، ئۇ تۈركىيەلىك ئىككى مۇخبىر جەنك بىلەن شادىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارغا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇردى. ئىپتاردىن بۇرۇن، جەنك مۇھەممەت ئەلى بىلەن بىللە دۇئا - تىلاۋەت قىلدى. يەنە رامىزان ئېيى ئۆرپ – ئادىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېسىل يېمەكلىكلىرى بىلەن ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزغىنلىقى ئۇلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى