باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قاراقۇرۇم باغرىدىكى توي

2015.07.14 17:51   مەنبە: خەلق تورى

قاراقۇرۇم باغرىدىكى توي

  خەلق تورى (چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز) چەرچەن ناھىيەسىكى ئاچچان يېزىسى،قۇراملىق يېزىسى،ئوييايلاق يېزىسى،تۇرا چارۋىچىلىق فىرمىسى،كۆنچىبۇلاق چارۋىچىلىق فىرمىسى قاتارلىق رايونلار قاراقۇرۇم تېغى بىلەن ئالتۇن تېغى ئىتىكىگە جايلاشقان بولۇپ ئۇلارنىڭ توي ئۆرپ-ئادىتىدە ناھىيە بازىرىدىكى يېزىلارغا نىسبەتەن روشەن ئوخشىماسلىقلار بار.بۇ رايونلارنىڭ قەدەمىي توي مەدەنىيەتى پۇرۇقى كۈچلۈك. تۆۋەندە مەن ئۇلارنىڭ توي ئۆرپ-ئادىتىنى سۆزلەپ ئۆتەي. قۇدا بۇلىشىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن توي كۈنى بېكىتىلىدۇ. بۇ يەردە توي بولغاندا باغاق يېزىپ تويغا چاقىرمايدىكەن ، توي بۇلۇشتىن ھەپتە بۇرۇن مەخسۇس جاكارچى ئات بىلەن چارۋىچىلىق رايۇنلارغا بېرىپ ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدا توي بۇلىدىغالىقى توغرىسىدا جاكارلايدىكەن. توي بولماقچى بولغان ئائىلىلەردە ئالدىنقى كۈنى ماللار سۇيۇلۇپ گۆشلەر پىشۇرۇلۇپ توي كۈنى ئەتتىگەن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3تە قوپۇپ 40كىلوگىرام گۈرۈش سېلىنىپ چوڭ قازاندا بىر قازان پولو ئېتىلىدىكەن. چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى توي ئۆتكۈزۈلگەن تېرىمغا يىراق بولغاچقا بىر ئىككى كۈن يول يۈرۈپ ئاتلىق كېلىدىكەن . مېھمانلار ئەتتىگىنى ئاساسلىق بامداد نامازدىن يېنىپ تويغا كېلىدىغان بولۇپ ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپ قىز كۆچۈرۈشكە باردىكەن. تويى بولماقچى بولغان يىگىت تەرەپ ئات تېپىپ توينى ئاتتا يۆتكەيدىكەن ئاتلار كۆپرەك بولغاندا يىگىت ،يىگىت قولدىشى ۋە باشقا يىگىتلەر ئاتلىق كېلىدىكەن. قىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا قىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى سول تەرەپتە ئەرلەر،ئوڭ تەرەپتە ئاياللار يىگىت تەرەپنى قارشى ئالغىلى چىقىدىكەن. قارشى ئالغىلى چىققان ئاياللار ئارىسىدىكى بىر ئايالنىڭ قۇلىدا بىر خون نان ناننىڭ ئۈستىدە كىچىك قىلىپ توغرالغان بىر نەچچە پارچە گۆش بولىدىكەن. يىگىت تەرەپتىن كەلگەن ئاياللار ھەممىسى شۇ گۆشتىن بىر چىشلەمدىن ئېغىزىغا سېلىپ يەپ قىزنىڭ ھۆيلىسىغا كىرىدىكەن . يىگىتلەر ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە باشلىرىنى بىرگە يىغىپ « تەييار بولسۇن قىز بالىلار،يىتىپ كەلدى ئۇغۇل بالىلار »دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاپ قىز كۆچۈرگىلى كەلگەنلىكىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىدىكەن. ئۇسسۇل ئوينىغىچە قىز تەرەپنىڭ ھويلىسىغا كىرىدىكەن ۋە پىشايۋاندا ئۇسسۇل ئوينايدىكەن . ئۇغۇل تەرەپنىڭ مېھمانلىرىغا داستىخان سېلىنىپ غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوغۇل ۋە قىز ئاتا ئانىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا تويلىشىدىكەن. تويلىشىش تۈگىگەندىن كېيىن قىزنىڭ بېشىدىن نىپىز ياغلىقنى تۇتۇپ تۇرۇپ بېشىغا گۈرۈچ ياكى بۇغداينى چېچىپ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئائىلىسىنىڭ بەركەتلىك بۇلىشىغا تىلەك تىلىنىدىكەن. ئارقىدىن ئۇغۇل تەرەپ بىلەن قىز تەرەپتىن بىردىن ئىككى ئايال چىقىپ تويلوققا ئېلىپ كېلىنگەن نەرسىلەرنى ئاچىدىكەن. يىگىتلەر غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن سىرىتقا چىقىپ يەنە باشلىرىنى بىرگە قىلىپ« ساقلاپ كەتتى ياش بالىلار،تىزراق چىقسۇن قىز بالىلار» دەپ قىزلارنى چاقىرىپ ئۇلارنى چىقىشقا ئالدىرتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تويى بولغان قىزنى دوستلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۇرۇق-تۇققانلىرى گىلەمگە سېلىپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىدىكەن. قىزنى تويى بولغان يىگىت كۆتۈرۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ ئۆزى باشقا ئاتقا مىنىپ ياندىشىپ ماڭىدىكەن. يىگىت قىزلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ماڭىدىكەن. قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن چوڭلارنىڭ ھەمرالىغىدا قائىدە بويىچە يۈزى ئېچىلىپ توي مەشرىپى باشلىنىدىكەن. توي مەشرىپى 3سائەتچە داۋاملاشقاندىن كېيىن يىگىت بېشى توينىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى جاكارلاپ توي ئەھلى تارقىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر