باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ: قانۇنسىز كۆچۈش ۋە ئوغرىلۇقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرى قانۇنسىز جىنايى قىلمىش

2015.07.13 13:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگولۇق قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن تايلاندقا باردى ھەمدە تۇرۇپ قالدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10-ئىيۇل مۇنۇلار بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تايلاند ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ئوغرىلۇقچە ئۆتكۈچىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ساختا پاسپورت قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قانۇنسىز كۆچۈش ۋە ئوغرىلۇقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىش. خەلقئارادىكى نورمال چېگرىدىن كىرىپ چىقىش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن بۇ قانۇنسىز ئوغرىلۇقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇشى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قانۇنسىز كۆچۈش ۋە ئوغرىلۇقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەسىلىسىدىكى نورمال ھەمكارلىق شۇنداقلا ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسمەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كۈچلەر بۇ پاكىتقا سەل قاراپ،بۇ قانۇنسىز ئوغرىلۇقچە ئۆتكۈچىلەرنى ئاساسسىزلا مۇساپىر دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ قانۇنسىز كۆچۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە نورمال قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ ھەتتا بۇ مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قانۇنسىز كۆچۈش ۋە ئوغرىلۇقچە ئۆتۈش قىلمىشلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىك، ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە قانۇنغىمۇ خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش مەسىلىسىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقىغا پايدىسىز، بىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر