باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما رامىزان ئېيى توغرىسىدا: بىز ياخشى تۇرىۋاتىمىز

2015.07.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى، سانجى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئامما شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەدرىسى، قەشقەر ھېتگاھ مەسچىتى قاتارلىق جايلاردا يىغىلىپ، رامىزان ئېيى ھېسياتىنى ئورتاقلاشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، « شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە روزا تۇتۇش مەنئى قىلىنغان» دېگەن ئىغۋاگە رەددىيە بەردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، ھەر خىل دىن شىنجاڭدا تولۇق تەرەققىياتقا ئىگە بولدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، ھۆكۈمەت مىللەت، دىن خىزمىتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قوغداش، دىنىي زاتلارغا ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇلارنى ئاسرىغان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر