باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس قىلىنغان «ۋاقتى ئۆتكەن گۆش»نى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، 13 ئۆلكىدىكى بارلىق توڭلىتىش ئىسكىلاتى تەكشۈرۈلىدۇ

2015.07.13 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 12-ئىيۇل تېلېگراممىسى. يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇل ئەتكەس قىلىنغان توڭ گۆشلەرگە زەبە بېرىپ، يېمەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاموژنا باش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت دائىرىسىدە ئەتكە قىلىنغان توڭ گۆشلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ، بىر قانچە ئەتكەس قىلىش شايكىلىرىنى بىتچىت قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس قىلىنغان توڭ گۆشلەر ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى تۆت-بەش يىل بولغان، تاموژنا باش مەھكىمىسى بۇ يىل تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئەتكەس قىلىنغان توڭ گۆشنى قانۇن بويىچە كۆيدۈرۈۋەتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىندا ھەر قايسى قايلاردىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بەزى ئەتكەسچىلەر دېڭىزدا ئوغرىلقچە توشۇش ياكى تاموژنا ئورۇنلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئەتكەس قىلىنغان كالا گۆشى، چوشقا پاقالچىقى، توخۇ پۇتى قاتارلىق توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن. ئەتكەس قىلىنغان بۇ توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، بەزىلىرى ۋاقتى ئۆتكەن گۆشلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقلاش ۋە توشۇش شارائىتى ناچار بولغاچقا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى ناھايىتى چوڭ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر