باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوردوستا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.07.13 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۈستىگە ئالغان 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ يىل 8-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورنىنىڭ جېڭجۇ شەھىرى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. مەلۇماتقا قارىغاندا، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆلىمى مىسلىسىز بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، تەيۋەن رايونىنىڭ 34 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 6240 تەنھەرىكەتچى بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 17 مۇسابىقە تۈرى ۋە 178 ماھارەت تۈرىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئادەم ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر