باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۆھلىتى 20 يىلغا ئۇزارتىلدى، دېدى

2015.07.09 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنى رىياسەتچىلىكىدە 8-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاڭلىق قىلغانلارنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قىممەتلىك جامائەت مەبلىغى بايلىقىنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىش بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئوقۇش يارىمى قەرزىنى تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزى سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىغا يەنىمۇ كۈچلۈك ياردەم بەرگەندە، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا يەنىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى، دۆلەت ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بېرىدۇ. يىغندا مۇنداق قارار چىقىرىلدى: بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزىىنىڭ ئۆسۈمىنى مالىيە تولۇق كۆتۈرىدۇ، ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن قەرز قايتۇرۇش مەزگىلى ئىچىدە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئوقۇماقچى بولسا ياكى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە كېسەل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توخىتىغان بولسا، ئۆسۈملۈك تۆلەشكە ياردەم ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىككىنچى، قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۆھلىتى ئەسلىدىكى 10 يىل، 14 يىلدىن بىر تۇتاش 20 يىلغا ئۇزارتىلىدۇ. دىرىنى قايتۇرۇش مۆھلىتىنى كېچىكتۈرۈش چېكى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلىدۇ، ئۇزارتىلغان مۆھلەتتەئۆسۈمنىلا قايتۇرىدۇ، دىرىنى قايتۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، قەرز قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىش مىخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن كېسەل بولۇپ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىك بولغان دېگەندەك ئەھۋالدىكىلىرى ئۆزلىرى تۆلەشكە تىگىشلىك قەرزنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ۋاكالىتەن تۆلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. جاپالىق، چەت-يىراق رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قەرزنى ۋاكالىتەن تۆلەشنى پىرىنسىپ جەھەتتە شۇ ئۆلكە مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مالىيە يىللىق خام چوتقا دۆلەتنىڭ ياردەم ئۆسۈملۈك ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى ۋە خەۋپ-خەتەر تولۇقلىما پۇلىنى يېتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر