- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتى ئەمەس
2015.07.10 16:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېل 8-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتى بولۇپ قالمايدۇ، چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.
پوۋېل يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 40 نەچچە يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي تەرەققيات سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جۇڭگو يەنە كەلگۈسىگە قانداق مەبلەغ سېلىشنى ئېنىق بىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتى ساقلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر