- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرى توڭجوۋ رايونىدا شەھەر مەمۇرىيەت قوشۇمچە مەركىزى تەسىس قىلىدۇ
شەھەر مەركىزىدىكى %15نوپۇس تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ
2015.07.13 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 11-ئىيۇل يېپىلغان ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 7-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمېتىنىڭ <بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى تېزىسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ئۇچۇرلار تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە ئاشكارىلاندى: بېيجىڭ شەھىرى توڭجوۋ رايونىغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيەت قوشۇمچە مەركىزىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2017-يىلى كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ «نازارەت قىلىش» ۋە «تارقاقلاشتۇرۇش» قوش چارىسى تەڭ ئىشقا سېلىنىپ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان نوپۇس قاتتىق كونترول قىلىنىپ، 2020-يىلى نوپۇس 23مىليون ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ، مەركىزىي شەھەر رايونىدىن %15نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر