باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئىسلامئابادتا تۇنجى قېتىم ئاشكارە سۆزلىشىشكە باشلىدى

2015.07.10 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىسلام ئابادتا تۇنجى قېتىم ئاشكارە سۆزلىشىشكە باشلىدى، ئىككى تەرەپ تىنچلىق ۋە يارىشىش مۇساپىسىغا مۇھىت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ كېلەر قېتىملىق سۆھبەتنى رامىزاندىن كېيىن مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئەشرەف.غەنى بۇلتۇر 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاستە سۆزلىشىشى.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقى مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىشتى، ھەمدە رايون تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىشكە بىردەك قوشۇلدى.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون 8-ئىيۇل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ پاكىستاندا سۆزلەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنداق: بانكىمون ئافغانىستانلىقلار باشلامچىلىق قىلىدىغان، ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇدىغان تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايدۇ، دىيىلگەن. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەدىسى ۋە پاكىستاننىڭ ئوينىغان رولىغا رەھمەت ئېيتتقان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر