خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى 9-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، شۇنداقلا ئەرمېنىيە زۇڭتۇڭى سارگىسيان، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، بىلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشىنكو، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، مۇڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبېگدورج، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە قاتناشتى.
يىغىنغا قاتناشقۇچى رەھبەرلەر خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىلىشىپ، گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ھەمكارلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى