باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىيلىقنى ھەقىقىي ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

2015.07.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن سۆز قىلدى

  [شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئىيۇل تېلېگراممىسى] ج ك پ مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى 6-، 7-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئىشى، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يۈكسەك بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار چوقۇم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيۋىلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ھەقىقىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلقنى پارتىيە ئەتراپىغا يەنىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىلەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى سەھىپىنى ئورتاق ئېچىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى− يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىپ، «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋى تەشكىلات ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. پارتىيىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇدىغان، پارتىيە تەشكىلى بارلىق ئاممىنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت. بۇ پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ئىجادىيىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر