ئىكىسكۇرسىيەچىلەر 12- ئىيۇل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى كۆرمەكتە.
خەيلار مېھنەتكەشلىرى «10 مىڭ جەسەد ئازگىلى» دىكى قىسمەن ئادەم سۆڭەكلىرى، نەنجىڭ زور قىرغىنچىلىقى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ باش سۆڭىكى، ياپونىيە ئارمىيەسى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيە -خەلقىنى قىرغىن قىلغان تۈمۈر قەپەس، ياپونىيە ئارمىيەسى ئىشلەتكەن تۈرلۈك زەھەرلىك بومبىلىرى ۋە زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، قىرغىن قىلىنغان بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار..... جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى ۋە «ئۇلۇغ غەلىبە تارىخي تۆھپە» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىدە، ياپونىيەنىڭ زوراۋانلىقىنى نامايەن قىلىدىغان بۇيۇملار كىشىلەرنى غەزىپىنى قوزغىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى