- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نارسىدە قىزنىڭ داۋالىنىش پۇلى ھەل بولدى
2015.07.13 14:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ئابلا ئەيسا ۋە ئايگۈل مەمەت قاتارلىق ئەر – ئايال مىننەتدارلىق خېتى يېزىلغان قىزىل لەۋھەنى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىدىن بۇ كەنىتكە «ئۈچ ئەل » خىزمىتى بويىچە 2 – تۈركۈمدە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ، ئۆزلىرىگە قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىقتىساد ھەل قىلىپ بەرگەنلىگىگە چوڭقۇر تەشەككۈرىنى بىلدۈردى .
ئىگىلىنىشىچە ، چارۋىچى ئابلا ئەيسا ۋە ئايگۈل مەمەتلەرنىڭ بىر يېرىم ياشلىق قىزى ئامىنەم ئالتە ئايلىق بولغاندا توساتتىن مىڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ، ناھىيە ۋە ئوبلاستتا كۆپ قېتىم داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنىمى بولمىغان . ئىقتىساد يار بەرمىگەنلىكتىن چوڭراق دوختۇرخانىدە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن . كەنتكە چۈشكەن « ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائللەردىن ئەھۋال ئىگىللەش جەريانىدا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، دەرھال ئامىنەمنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا كېرەكلىك پۇلنى تەييارلاشقا كىرىشتى . ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۈندىدارغا چىقىرىش ۋە يازما « ئىئانە توپلاش تەشەببۇسنامىسى » تارقىتىش ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ئاممىنى مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلدى . قىسقىغىنە بىرقانچە كۈن ئىچىدە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر 3430 يۈەن ئىئانە قىلىش ۋە باشقا ساھەدىن 26 مىڭ 570 يۈەن مەبلەغ غەملىنىش ئارقىلىق 30 مىڭ يۈەن توپلىنىپ ، خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرى ئارقىلىق ئامىنەمنىڭ ئاتا – ئانىسىغا يەتكۈزۈلۈپ ، نارسىدە قىزنىڭ ۋاقتىدا ئوپىراتسىيە قىلىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىلدى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر