باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلار 31 مىليۇن 255 مىڭ يۈەن نەپكە ئېرىشتى

2015.07.13 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مائارىپ تارماقلىرى ئاساسلىق تۇتىدىغان، تارماقلار ماسلىشىپ جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزىمىنى تۇغۇزۇپ، ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغىچە ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ باسقۇچىدىكى يېزا قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 1000 يۈەندىن ئورتاق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجىتى ئاجرىتىلىپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 6 مىليۇن 601 مىڭ يۈەنگە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1250 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 1500 يۈەندىن، ئەمەلىيلەشكەن خىراجەت 19 مىليۇن 804 مىڭ يۈەنگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىللىق ئۆلچىمى 1500 يۈەندىن، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 4 مىليۇن 450 مىڭ يۈەنگە، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەندىن ئەمەلىيلەشكەن ئوقۇش ياردەم پۇلى خىراجىتىنى 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر