باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسىدە ئۈچ چوڭ يېشىللاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى

2015.07.13 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان ناھىيە بەرپا قىلىش شەرىپىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىپ ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش ، يېشىللىق يەر بەرپا قىلىش ۋە كىشى بېشىگە توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ ، بۇ تۈرلەردە دۆلەتنىڭ كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ ناھىيە ناھىيە بازىرى تەۋەسىدىكى يېشىللىق ۋە يېشىللاشتۇرۇشقا بولىدىغان يەرلەرنى قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ ، باغچىلارنى يېشىللاشتۇرۇش ، ئولتۇراق رايۇن ، ئىدارە ، ئورۇن ۋە يول ياقىللىرىنى يېشىللاشتۇرشنى چىڭ تۇتتى . بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بۇ ناھىيەنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ، يېشىللاشتۇرۇش نىسبىتى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرچە يېشىللىق نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %43 ، %38.2 ۋە 16.7 كۇۋادىرات مىتىرغا يېتىپ ، 2010 – يىلدىكىدىن %1.9 ، %1.8 ۋە 7 كۇۋادىرات مىتىر ئېشىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئازادە تۇرمۇش مۇھىيىتى يارىتىش ، ئېكولۇگىيەلىك مۇھىيىتنى قوغداشقا ئالاھىدە ھەسسە قوشتى . بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر