خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل بېيجىڭ چاڭچۇن ئوقۇش ياردىمى ساخاۋەت فوندى (تۆۋەندە چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكى) نىڭ شىنجاڭغا ئوقۇش ياردىمى بىۋاستە ئىئانە قىلىش ئۆمىكىدىكى ئۈچ كىشى گۈزەل قەشقەرگە كېلىپ، ئوقۇش ياردىمى بىۋاستە ئىئانە پائالىيىتىنى باشلىدى.
ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوقۇش ياردىمى ئۆمىكى پەيزىۋات، يوپۇرغا، مەكىت، يېڭىسار، ئاقتۇ قاتارلىق بەش دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە كېلىپ، بۇ رايونلاردىكى 7 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 100 نەپەر ئوقۇشى ياخشى نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە ھەر مەۋسۈمدە 500 يۈەن ياردەم قىلدىغانلىقىنى، ھەمدە ياردەمنى بۇ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چاڭچۇن ساخاۋاتچىلىكىنى بىۋاستە ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، مېھىرلىك كارخانىچى چاۋ چاڭچۇن ئەپەندى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان بولۇپ، جاۋ چاڭچۇن ئەپەندى بۇ سۇپىنى قۇرۇشتىن بۇرۇنقى 3 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزى يالغۇز ماشىنا ھەيدەپ 100 مىڭ كېلومىتېردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەردىكى 248 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلىپ، 2600 نەپەر ئوقۇشى ياخشى نامرات ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردىمى قىلغان، 2014-يىل 9-ئايغىچە، ياردەم قىلىنغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش سەپىرىنى باشلىدى.
چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا كۆپ تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەردىكى 5000 نەپەر ئوقۇشى ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردى، جەمئىيەتتىكى قاتناشقان مېھىرلىك كىشىلەر 500 دىن ئېشىپ، جەمئىيەتتە كەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولدى.
2015-يىلى 3-ئايدا چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىنىڭ باش كاتىپى ۋەن ۋېي خانىم چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىك فوندى كېڭىشىنىڭ باشلىقى جاۋ چاڭچۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىگە ۋەكىل بولۇپ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن بېيجىڭدا شىنجاڭدىكى ئوقۇشى ياخشى بولغان نامرات ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىمدە چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىنىڭ ئۆز سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئىئانە يىغىپ، شىنجاڭدىكى 50 نەپەر ئوقۇشى ياخشى بولغان نامرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ھەر مەۋسۈمدە 500 يۈەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقى، بۇ ياردەم پىلانى مۇددىتىنىڭ ئۈچ يىل بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ چاڭچۇن ئەپەندى بۇ ياردەم سانىنى تەڭشەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ياردەم سانى 50 نەپەردىن 100 نەپەرگە كۆپەيتىلدى، ھەمدە ئىئانە يىغىش پىلانى باشلاندى.
2015-يىلى 4-ئايدا چاڭچۇن ساخاۋاتچىلىكىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ چاڭچۇن ئەپەندى يەنە بىر قېتىم بۇ ياردەم پىلانىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى، ياردەم قىلىنىدىغان رايونلار شىمالىي شىنجاڭغا كېڭەيتىلدى، جاۋ چاڭچۇن ئەپەندى ئۆزى شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى تورى تولى، جېمىنەي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ نامرات رايونغا بېرىپ، 60 نەپەر ئوقۇشى ياخشى بولغان نامرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلدى.
بۇ قېتىم چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكى ئوقۇش ياردەم ئۆمىكى ئەسلى 6-ئايدا قەشقەرگە بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، 5-ئىيۇلغا كېچىكتۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى ياردەم قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى تاللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى جەھەتتە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى پائالىيەتنى تەشكىللەش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىزغىن ياردەم بەردى، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھېيت ئەپەندى ئوقۇش ياردىمى ئۆمىكى بىلەن بىرگە بېيجىڭدىن قەشقەرگە بېرىپ، پۈتۈن مۇساپە بويىچە ياردەمدە بولدى.
چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىنىڭ شىنجاڭغا بىۋاستە ئىئانە قىلىش ئوقۇش ياردىمى پىلانى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەرساھە مېھىرلىك زاتلارنىڭ دىققىتى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، ئوقۇش ياردىمى ئېلىپ كەلگەن ئىئانە پۇللار ئىچىدە مېھىرلىك كارخانىچى زاتلارنىڭ ئىئانىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بېيجىڭدىكى كىچىك دوستلارنىڭ ئىئانىلىرىمۇ بار.
ۋاڭ جىڭكەي ئەپەندى، فەن چيۇفېڭ ئەپەندىگە، بېيجىڭ شەھىرى ئېرلىگوۋ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
مېھىر قەشقەرگە ئاتلاندى، كۆڭۈللەر مائارىپقا باغلاندى، بۇ قېتىمقى چاڭچۇن ساخاۋەتچىلىكىنىڭ بىۋاستە ئىئانە قىلىش ئوقۇش ياردىمى ئۆمىكى گۈزەل شىنجاڭدا ئۈچ كۈن سەپەر قىلدى، بىراق ئىشىنىمىزكى، بىۋاستە ئىئانە ئوقۇش ياردىمى پەقەت بۇ 100 نەپەر ئوقۇشى ياخشى نامرات ئوقۇغۇچىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپلا قالماي، بۇ مېھىر كەڭ ھەم گۈزەل شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئەبەدىي تارالغۇسى!
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى