- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ 13-بەش يىللىق نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلىدى
2014.05.12 19:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىز ھەرىكەت قوللىنىپ، 13- بەش يىللىق نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلىدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلار يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:بىر بۆلەك رايونلارنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانى چوڭقۇر مۇكەممەللەشتۈرۈپ،تاغلىق رايونلار ئۆتكىلىگە پەلەمپەيسىمان ھۇجۇم قىلىپ، نامرات دېھقان چارۋىچىلارنى 150 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيىلەپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 800 يۈەندىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە،ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ پىلان باشقارمىسى خىزمەت لايىھىسى ۋە پىلان تۈزۈش تىزىسىنى تۈزۈشكە باشلىغان؛كېيىنكى يېرىم يىلدا پىلانلاپ تۈزۈش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. 2015-يىلىنىڭ بېشىدا پىلان نۇسخىسىنى تاماملايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر