باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار جىڭگاڭشەن كادىرلار ئىنىستېتوتىدا پارتىيىۋىلىك تەربىيىسىگە قاتناشتى

2014.05.12 19:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-مايدىن باشلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 56 ئۆلكە،مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىر جىڭگاڭشەن كادىرلار ئىنىستېتوتىغا بېرىپ، ئون كۈنلۈك پارتىيىۋىلىك تەربىيىسىگە قاتناشتى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۈن ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى:2-تۈركۈمدىكى پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا پۈتۈن پارتىيىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە بىر قېتىملىق پارتىيىلىك تەربىيىسىدىن ئىبارەت كادىرلارنى تەربىيىلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ھەتتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاۋ گوخوڭ مۇنداق دېدى:تىنچ مەزگىلدە ئىدىيىدە ئاسانلا بوشاڭلىق كۆرۈلىدۇ. پارتىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى مۇشەققىتى ئاسانلا سۇسلىشىدۇ،كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ئاسانلا ئېسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.شۇڭا ھازىرقى ياش كادىرلارغا قارىتا پارتىيە تارىخى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن چېڭجياڭ مۇنداق دېدى:پېنسىيىگە چىقىش ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كۆپلىگەن كادىرلار ئادىشىپ قالىدۇ.بۇنىڭدىن پارتىيىنىڭ دەسلەپكى يولى قانداق قىلىپ قەدەممۇ قەدەم بېسىلغانلىقى؛ئىدىيىۋى ئېتىقادنى مۇستەھكەملىمەسلىكنىڭ ئاساسىي يوقلىقى؛ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ئورنىدىمۇ چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر