باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىرئەلىجان مىكرو بىلوگىدا ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ كوماندىسىغا يۆتكەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەردى

2018.07.03 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل، CBA ماھىرى شىرئەلىجان مىكرو بىلوگىدا ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن سۈرىتىنى چىقىرىپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا 10 يىل كۈچ چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ كوماندىسىغا ئالمىشىپ بولغانلىقىنى ئەگىتىپ ئىسپاتلىدى.

  يېقىندا، بەزى مىش-مىش گەپلەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، شىرئەلىجان، سۈن مىڭياڭ قاتارلىق ماھىرلارغا ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ياش ماھىر فەن زىمىڭنى ئالماشتۇرغان. گەرچە ئىككى تەرەپ تېخى بۇ ھەقتە ئورگان تەرەپ ئۇچۇرى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن ئورۇننىڭ گۇاڭجۇنىڭ بەييۈن ئايروپورتى بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش پوزىتسىيەسى قاتارلىقلار بۇ سۆز- چۆچەكنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  شىرئەلىجان مىكرو بىلوگىدا: «شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرىگە رەھمەت، ماڭا بەرگىنىڭلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت ۋە ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان نەرسىلەر»، «سىلەرنىڭ مېنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار ۋە ماڭا بەرگەن پۇرسىتىڭلار سىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ»، «مېنىڭ ئىشەنچ تېپىۋېلىشىمغا ياردەم قىلغىنىڭلاردىن مەن بەك مىننەتدار، مەن شىنجاڭنى مەڭگۈ سۆيىمەن، بۇ يەر مەڭگۈ مېنىڭ ئائىلەم!»، دېدى.

  2008-، 2009-مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا كىرگەندىن بۇيان، جاسارەت بىلەن توپ ئوينايدىغان شىرئەلىجان ھېرىش- چارچاشنى بىلمەيدىغان، چاپلىشىپ مۇداپىئە قىلىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە «سوغۇق قان»لىق بىلەن يىراقتىن توپ كىرگۈزۈشكە تايىنىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تاشقى سەپتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسى بولۇپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىشتىكى جاپالىق تىرىشچانلىقىغا شاھىد بولدى ھەمدە 2016-، 2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا كۈچ چىقاردى.

  يارىلىنىش سەۋەبلىك، شىرئەلىجاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىپادىسى باشتىن-ئاخىر شەخىسنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قايتىپ كېلەلمىدى. ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە، شىرئەلىجان ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 9.4 نومۇر ئېلىپ، 4.1 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە كوماندىنىڭ ئومۇمىي ھالىتى پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ كىرگەن شىرئەلىجاننىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنىلا كۈچلۈك، كۆپ يىللىق CBA تەجرىبىسىمۇ گۇاڭجۇ كوماندىسىغا بەلگىلىك ياردەم بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر