باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىنى كۆكتات يېيىشكە ئامراق قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى

2018.01.16 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: رېن روڭنا، نەنجىڭ ھەربىي رايونى فۇجۇ باش دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پۈتۈن ئارمىيە بالىلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پۈتۈن ئارمىيە سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش تەتقىقات ئورنى بالىلار ساقلىقنى ساقلاش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى. ئۇ بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، بالىلار نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، بالىلار نېرۋا پىسخىكىلىق يېتىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، بالىلار ئوزۇقلۇقى ۋە ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىقلارغا ماھىر.

  ھەر قېتىم بالىنىڭ تاماق يېيىشى بىر مەيدان جەڭ بولۇپ، تاماق تاللاش ئاتا- ئانىلارنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتىدۇ. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماق ئۈستىلى ئۇلارنىڭ جەڭ مەيدانى، ئۇلار خاپا بولۇش، ئاچچىقلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئائىلە باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى بالىنى بىر خىل ئازابلاش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېيىن ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن بىزار بولۇش ۋە تاماق يېيىشنى رەت قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەر يېڭى شەيئىلەرگە يۈزلەنگەندە، ئالدى بىلەن قورقۇنچتا بولۇپ، ئارقىدىن تونۇشىدۇ، بالىلارغا نىسبەتەن يېمەكلىكلەرمۇ ئوخشاش. شۇڭا بالىلارنى يېڭى يېمەكلىكلەرگە بولغان قورقۇنچنى يېڭىشكە يېتەكلەشتە، ئاتا-ئانىلار بالدۇر يېتەكلەش، تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ تەدرىجىي يېتەكلەش ھەمدە بەلگىلىك يېمەكلىك بېرىش قېتىم سانىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بوۋاقنىڭ بىر خىل يېڭى يېمەكلىككە ماسلىشىشىغا ئادەتتە 15 قېتىمدىن ئارتۇق جەريان كېتىدۇ.

  بالىنى كۆكتات سېتىۋېلىشقا بىللە ئاپىرىش

  تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارنى تاللا بازىرى ياكى كۆكتات بازىرىغا ئاپىرىپ بىللە يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، بالىلارنى ھەر خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغاندا، بالىلاردا كۆكتاتلارغا قارىتا بىۋاسىتە تەسىرات پەيدا بولۇپ، يېمەكلىككە ئاستا-ئاستا قىزىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يېڭى يېمەكلىكلەرنى كۆپ قېتىم سىناپ بېقىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلار ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر يەرگە قويۇپ، تەدرىجىي يېگۈزۈشكە بولىدۇ. دەسلىپىدە، بالىلار يەۋاتقان يېمەكلىك ئىچىدە ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بارلىقىنى بىلدۈرمەي، ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى يېمەكلىك ئىچىگە ئاستا-ئاستا قوشۇپ بالىلارغا يېگۈزۈشكە بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بالىلار ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭكەش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېمەكلىكلەرگە ئىسىم قويۇش

  ئاتا-ئانىلارنىڭ ئادەتتە تاماقنى قىزىقارلىققا ئىگە قىلىشمۇ يەنە بىر ياخشى ئامال. مەسىلەن، يېمەكلىكلەرگە قىزىقارلىق ئىسىم قويۇش ياكى ھەر خىل شەكىلدە قىلىشمۇ بالىلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بۇ ئامال يېمەكلىكتىن باشقا ھەممە نەرسىگە قىزىقىدىغان بالىلارغا بەكرەك ئۈنۈمى بولىدۇ. ئادەتتە، بالىغا ئېغىز مەشىقىنى كۆپرەك قىلدۇرۇش كېرەك. ھازىر يەيدىغان نەرسىلەر بەك ئۇششاق بولغانلىقتىن، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ھەرىكىتى ئاز بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن يېمەكلىكلەرگە قارىتا تېگىش سېزىمى مۇداپىئەسىنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ تاماق تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر