باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

يېڭى تارىخىي ئورۇن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە كىردى

2017.10.20 08:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  يېڭى تارىخىي ئورۇن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە كىردى

  دوكلاتتا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىر مۇھىم ھۆكۈم.

  يېڭى دەۋىرگە كىرگەنلىك ھۆكۈمى − پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيەت نەزىرىدە تۇرۇپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلغا يېقىن مۇساپىسىدە ۋە 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۆنىلىشىدە تۇرۇپ چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈمدۇر.

  بۇ يېڭى دەۋر بولسا، ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر. دوكلات پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى مەۋقە قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان كۈرەش نىشانىنى پىلانلىدى.

  ئورۇن دېگىنىمىز تەدبىرنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش زۆرۈر. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىدۇر، بۇ ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىدۇر. دوكلاتتا، يېڭى دەۋىرگە كىرىپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر