باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر

سايرام بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر

2017.10.13 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت) بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنى سايرام بازىرىدىكى دېھقانلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پارتگورۇپپا شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى گو ليەنشيەن بىلەن پارتگورۇپپا مۇئاۋىن شۇجىسى، باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىش كادىرلىرىدىن 123 ئادەمنى باشلاپ، بايرام مەزگىلىدە باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدىكى ئالتە كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىش، تۇغقانلىشىش، يار - يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرى، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر بىلەن دۆلەت بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە «تۆت پېشقەدەم»لەر، نامرات ئائىلىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 68 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  ئەمەلىي ياردەمدىن دىللار سۆيۈندى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سايرام بازىرىنىڭ ئالتە كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى پولات ئابلىزنىڭ باشچىلىقىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، مەدەنىيەت بازىسى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى مۇھىم بايراملارنى تەبرىكلەپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىملىرىدا دۆلەتنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى، قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى. دېھقانلارنى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش بويىچە تەربىيەلەش، دۆلەت تىلىنى ئۆگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە مىننەتدارلىقىغا سازاۋەر بولدى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى، چاقىرىق كۈچى كۈچەيدى. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تەلەپلىرىگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نامرات، قىيىنچىلىقى ئېغىر دېھقانلارغا خىمىيەۋى ئوغۇت ئېلىپ بەردى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ تارقىتىپ بەردى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنى تەشكىللەپ 50 يۈرۈش توڭلاتقۇ ھەم كىر ئالغۇنى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى. كۈز كېلىپ ھاۋا سوۋۇۋىدى، كۆمۈر سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئاھالىلەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن كۆمۈر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى.

  توق مەھەللىلىكلەر ئېنىق ئىپادىسىنى بىلدۈردى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سايرام بازىرى توق مەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى دېھقان-چارۋىچىلار بىلەن دائىم بىللە بولۇپ، ئەلرايىنى بىلىشكە دائىر «سەككىزنى چوقۇم سوراش، سەككىزنى چوقۇم سۆزلەش»نى چۆرىدەپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يىراق ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  كەنت ھويلىسىغا شۇ كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزىل قەغەزگە يازغان يۈرەك سۆزلىرى تىزىلغان بولۇپ، ئۇلار كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلىرىگە كۈچلۈك قارشىلىقىنى بىلدۈردى، ھەر بىر ئائىلە ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، ئۆز ئارزۇ-ئارمىنىنى قىزىل قەغەزگە پۈكۈپ، كەنت ھويلىسىغا تىزدى. ئۇلار 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىللىق ئەتراپىدىكى غايەت زور تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»گە قارشى ئاداققىچە كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى، بەختىيار تۇرمۇشى ۋە ھازىرقى خۇشال-خۇرام كۈنلىرىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشىنى ھەرگىز بوش قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. دېھقان تىلىۋالدى روزى قىزىل قەغەزگە: مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ھەم ياشلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن كەسكىن جەڭ قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئىچىلىشى ئۈچۈن تۆھپەمنى قوشىمەن،-دەپ يازدى.

  كەچلىك كۇرس ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردى

  سايرام بازىرى توق مەھەللە كەنتىدىكى ياشلار دۈشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى كەچتە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك دۆلەت تىلى كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئالدىرايدۇ. كەنتتىكى نۇرغۇن ياشلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇغان، خەنزۇ تىلىنى ئانچە ئىشلەتمىگەچكە، ئاساسى بەكلا ئاجىز ئىدى، ئۇلار ناھىيە بازىرىغا بارغاندا ياكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسەتكەندە، دۆلەت تىلى بىلمىگەنلىكتىن ناھايىتى قىينىلاتتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت تىلى كۇرسى ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۆمەر ئوسمان بىلەن پەرىدە ئوسمان ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئايرىم دەرسلىك تۈزۈپ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ پىنيىن ساۋادىنى چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلۈكلەرنى كۆپرەك ئۆگىتىپ، تېلېۋىزوردا خەنزۇ تىلىدىكى فىلىملەرنى كۆپرەك كۆرۈش، خەنزۇچە رادىيو ئاڭلاش ئارقىلىق كۆپرەك مەشىق قىلىشنى تاپىلىدى. بۇ كۇرۇستا 120 نەچچە كۇرسانت بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت تىلىنى بىلمىگەننىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتقاچقا، كۇرس ئېچىلغان ئالتە ئايدىن بۇيان، ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خېلى كۆپ سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالدى. 26 ياشلىق دېھقان روشەنگۈل سىدىق بۇ يىل پارتىيە ئەزاسى بولدى، ئۇ بۇ كۇرستىن ئەمەلىي نەپ ئالغانلارنىڭ بىرى. ئۇ ھازىر تىرىشىپ ئۆگىنىپ، توق مەھەللە كەنتى 3-گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇغاندا دۆلەت تىلىنى تازا ياخشى ئۆگەنمەپتىكەنمەن. ھازىر توي قىلىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇپ، بىرەر يەرگە بېرىپ ئۆگىنىشكە ئىمكانىيىتىم يوق «پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي» تۇرغىنىمدا، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشىك ئالدىمىزدىلا ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن، بىلمىگەنلىرىمنى دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا سورايمەن، ھازىر ئۆزۈم شەھەرلەرگە بارسام بىمالال خەنزۇچە چۈشەندۈرۈپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالالىغۇدەك، بالىلىرىم خەنزۇچە گەپلەرنىڭ مەنىسىنى سورىسا ئاز-تولا جاۋاب بېرەلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتتىم. بىز جۇڭگو پۇقراسى بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم دۆلەت تىلىنى بىلىشىمىز كېرەككەن. دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەك، ھەممە جايدا ئۆز رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدىكەنمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى سايرام بازىرىنىڭ شور مەھەللە كەنتى، لاپا كەنتى، توق مەھەللە كەنتى، توقاچ كەنتى، بوغان كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى قاتارلىق ئالتە كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، بۇ كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە، دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىدى. خۇشاللىق ئىشلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، خەلقنىڭ چېھرىدە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر