باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.10.18 16:25   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، «ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى شۇكى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يىغىن باشلاندى. ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى»نى ئۈنلۈك ئوقۇدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق يولداشلار ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇدې، دېڭ شياۋپىڭ ۋە چېن يۈن قاتارلىق مەرھۇم پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2280 نەپەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 74 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 2354 نەپەر. بۈگۈن ئەمەلىي قاتناشقان كىشى جەمئىي 2338 نەپەر. ئۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى دوستلارنى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن قاتناشقان مەسئۇل يولداشلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى