خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە بېيجىڭ «مېيدىيا» مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق مۇخبىر زىياپەتكە قاتناشتى.
ئاخبارات مەركىزى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك 3068 مۇخبىر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار 1818 بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قارىغاندا %6.7 ئاشقان؛ چەت ئەللىك مۇخبىرلار 134 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قارىغاندا %19.6 ئېشىپ، دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەگە تارقالغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى