خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بېيجىڭ شەھىرى جىڭشەن كوچىسى بەخت مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پارتىيە- گۇرۇپپا- جەمئىيەتلەر سارىيى» پائالىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
شۇ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان قىسمەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بېيجىڭنىڭ چاسا قورۇلىرىغا كىرىپ، بېيجىڭنىڭ تار كوچىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى ھېس قىلدى. 12- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 لىنىيە بويىچە زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى جۇڭگونى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى