باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر ئالدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

2017.10.16 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنىپڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى نىشان، يېڭى سەپەر ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئۇ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ئۆز پىكرىنى كەڭ-كۇشادە بايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا قارىتا پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر