باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى 19- قۇرۇلتاي ئالاھىدە خەۋەرلىرى مەخسۇس تېمىسى ۋە مەخسۇس رايونىنى تەسىس قىلدى

بۇنىڭ بىلەن، ۋەكىللەر ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ، گۈللەنگەن دەۋرنى قويۇق تەسۋىرلىيەلەيدۇ

2017.10.16 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىللىق ھاۋالىق ئالتۇن كۈزدە، تەنتەنىلىك يىغىننى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالماقتىمىز. ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرنى دوكلات قىلماقتىمىز. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلق تورى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاخبارات تورى بۈگۈندىن باشلاپ تەنتەنىلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى تاراتقۇلار بىرلەشتۈرۈلگەن مەخسۇس تېمىلىق خەۋەرلەر سەھىپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، خەلق تورىنىڭ باش بېتىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمىدا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەۋەر مەخسۇس رايونىمۇ تەسىس قىلىندى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن، ھەمدە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، خەلق تورى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاخبارات تورىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئالاھىدە خەۋەرلەر مەخسۇس تېمىسى بولسا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تورداشلارنى بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان بەش يىلنى ئەسلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىلىرىگە نەزەر سالغۇزىدۇ.

  بۇ بەش يىلنى قويۇق تەسۋىرلىيەلەيدۇ، جۇڭگو روھىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى بەھۇزۇر بايان قىلالايدۇ

  خەلق تورى 19- قۇرۇلتاي مەخسۇس تېمىسىنى لايىھەلەش جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى. بۇ مەخسۇس تېمىسىنى لايىھەلەشتە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبنى ئاساس قىلىش باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تۆۋەندىكى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، يەنى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈشچانلىققا ئىگە، كونىنى تاشلاپ يېڭىنى قوللىنىدىغان ئېسىل يۇغۇرۇلما تاراتقۇ ئىجادىيىتى يارىتىلدى

  خەلق تورىنىڭ 19-قۇرۇلتاي مەخسۇس تېمىسى PC ۋە كۆچمە تېرمىنالدىن ئىبارەت ئىككى نۇسخا بولۇپ، مول ۋە باي مەزمۇنغا ئىگە. قۇرۇلتاينىڭ قارالمىسى، كۈنتەرتىپى، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا دىققەت-نەزەرىنى ئاغدۇرۇشى ۋە ئۇندىن باشقا يەنە پۇقرالارنىڭ قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇسى ئايلانما خەۋەر قىلىنىدۇ.

  مەخسۇس تېمىدىكى «ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش سەھىپىسى»نىڭ مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، «19-قۇرۇلتايغا بېغىشلانغان سۆز __ پارتىيەگە ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزۈم»، «19-قۇرۇلتاينى خۇشال كۈتۈۋالايلى»، توردىكى مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق سەھىپىلەر، سۆز قالدۇرۇش سۇپىسى، مىكرو بىلوگ، يانفون قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن تورداشلارنى جەلپ قىلدى.مەخسۇس تېمىدا يەنە «ئومۇمىي تاراتقۇ» ئالاھىدىلىكى كۈچەپ نامايان قىلىنىپ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، كۆچمە ئابونت تېرمىنالى ۋە دۆلەت سىرتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلارمۇ خەۋەر قىلىش سېپىغا قوشۇلدى.

  يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، خەلق تورى ئۆزىگە خاس ئىجادىي خەۋەرلەرنى پىلانلىغاندا يېڭىلىق يارىتىش شەكلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ سۈرەتلىك، يېزىقچە، ئۈن-سىن يۇغۇرۇلما تاراتقۇلۇق نادىر سەھىپىلەرنى بەرپا قىلدى. «مېيدىيا مەركىزىي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسى» خەلق تورىنىڭ 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى سۇنغان بىرىنچى نەق مەيداننى ئۇلاپ كۆرسىتىدىغان، تاراتقۇدا نەق مەيداندىن تارقىتىش سەھىپىسى ھېسابلىنىدۇ، بەش مەيدان نەق مەيداندىن تارقىتىش 2 مىليون تورداشنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. «پارتىيە گېزىتىنى كۈندە كۆرۈش» بولسا، شۇ كۈنلۈك «خەلق گېزىتى» ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتلىرىگە يېتەكچىلىك چۈشەندۈرۈش ۋە مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ قەغەز نۇسخىسى، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى، سىن نۇسخىسىنىڭ بىرلەشمە تارقىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ «19-قۇرۇلتايغا قۇلاق سېلىش» ئاۋازلىق شەكىلدە 19-قۇرۇلتاي بىلىملىرىنى تونۇشتۇردى، «مەن كومپارتىيە ئەزاسى» مىكرو سىن شەكلىنى قوللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن كەلگەن ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى. «56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتايغا بېغىشلىغان سۆزلىرى» «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دەيدىغان ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى نامايان قىلدى.

  ئوڭچە پىلانلار تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، دۇنياۋى نەزەردىن كاتتا يىغىنغا كۆز تىكىلدى

  19- قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش ۋە تەشۋىق قىلىشتەك بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدىگەن ھالدا، خەلق تورى يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە، ئىشلارنى قاتلاممۇ قاتلام ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى نۇرغۇن خەۋەرلەر ۋە پائالىيەتلەرنى ئوڭچە پىلانلاپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات ياراتتى. مەخسۇس تېمىلەردە بۇ ئوڭچە پىلانلار تۆۋەندىكىدەك كۆرگەزمە قىلىندى: يەنى، «شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ناملىق بۇ مەخسۇس تېمىغا 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئەسلى تېكىستى نۇقتىلىق كىرگۈزۈلدى؛ «ئۆگىنىش لۇغىتى» ناملىق بۇ مەخسۇس تېمىدە بولسا، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك يېڭى سۆزلەر ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىلدى؛ «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» ناملىق بۇ مەخسۇس تېمىسىدە بولسا، بەش يىلدىن بۇيان قىلىنغان پايدىلىق ئىزدىنىشلەرگە قايتا نەزەر سېلىندى؛ «19- قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش» ناملىق بۇ مەخسۇس تېمىدە بولسا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە زىيارەت پائالىيىتىدە ئاساسىي قاتلامنى نۇقتا قىلغان ھالدا، ھەر قايسى جايلاردىكى جانلىق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر خەۋەر قىلىندى؛ «قىزىل رەڭلىك كودنى ئىزدەش» ناملىق بۇ مەخسۇس تېمىدە بولسا، شاڭخەي، جياشىڭ، ۋۇخەن، يەنئەن، بېيجىڭ ۋە موسكۋا قاتارلىق جايلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىرنەچچە قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە جايلىرى قايتا زىيارەت قىلىندى؛ «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇرتۇم ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلايمەن» دېگەن تېمىدىكى بۇ پائالىيەتتە بولسا، خەلق گېزىتىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە چىقىدىغان مەخسۇس تېمىلىرىگە ماسلاشقان ھالدا، تور ئەھلىلىرىنى يۇرتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە تەدبىرلەرنى تەقدىم قىلىشقا ئۈندىدى.

  خەلق تورى مەخسۇس تېمىسىنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىن باشقا يەنە موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە دېگەندەك بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى، ھەمدە ئىنگلىزچە، ياپونچە، فرانسۇزچە، ئىسپانچە، رۇسچە، ئەرەبچە، كورىيەچە، گېرمانچە، پورتۇگالچە دېگەندەك توققۇز خىل چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 24 سائەت توختىماي دۇنياغا خەۋەر بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ تىللىق ئىجادىي قىسقا فىلىم «جۇڭگونى كۆرۈش» ناملىق پىروگراممىدا بولسا، دۇنياۋى نەزەر بىلەن، ھەمدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان، قىسقا ۋاقىتلىق، ئۇدۇل بايانلىق ۋە تېز سۈرئەتلىك ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىشتەك بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنى بايان قىلىپ، دۇنيانىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى ۋە سالاپىتىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو قارىشىنى ياراتتى. مەزكۇر سەھىپىنىڭ مەزمۇنلىرى ھېسسىيات بىلەن، ئىللىقلىق بىلەن، ئېنېرگىيە بىلەن تولدۇرۇلغان بولغاچقا، چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ پائال تارقىتىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر