باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.10.16 14:10   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسە قىلىندى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: بۇ بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بەكمۇ ئالاھىدە بەش يىل بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىرىغانلىرىنى تاشلاپ يېڭىسىدىن باشلاپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلارنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بىر قاتار چوڭ-چوڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلىپ بولالمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ بېجىرىپ بولالمىغان چوڭ ئىشلارنى بېجىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى. بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىگە كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورۇسى رىياسەتچىلىك قىلدى

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  ئومۇمىي يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

  ئومۇمىي يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى ھەم بۇ ئۈچ ھۆججەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتىنىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا ئىزاھات بەردى، ليۇ يۈنشەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)»نىڭ مۇزاكىرە نۇسخىسى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنىدا ئىزاھات بەردى

  ئومۇمىي يىغىندا، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۈن جېڭسەي، خۇاڭ شىڭگو، لى لىگو، سۈن خۈەيشەن، ۋۇ ئەييىڭ، سۇ شۇلىن، ياڭ خۈەننىڭ، ۋاڭ سەنيۈن، شياڭ جۈنبو، لى يۈنفېڭ، ياڭ چوڭيۇڭ، جاڭ شىۋۇ، مو جيەنچېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جيەنپىڭ، تيەن شيۇسىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ 191 ئەزاسى، 141 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى