باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭشەن ناھىيەسى كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشتەك فۇنكسىيە ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدەندى

دېھقانلار پايچىككە ئايلىنىپ، ھەممە ئائىلە پايدىغا ئېرىشتى (19-قۇرۇلتاي مىنۇتلىرى)

2017.10.16 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تەپسىلىي كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى كۆپرەك بىلىۋالايلى!» خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭشەن ناھىيەسى شىنشى بازىرى چېڭفەن كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى تو دامىڭ كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشتەك فۇنكسىيە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەچكە تېلېۋىزىيە خەۋىرى كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسېرى ئۇ تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى.

  كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىش قاينىمىغا تولغان چېڭفەن كەنتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ساداسى تېخىمۇ جاراڭلىدى.

  جاڭ ۋېنمېي 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 7دە كۆكتات تەقسىملەش دۇكىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم خېرىدارلارنى ئۇزىتىۋېتىپ، بىر كۈنلۈك ھېساباتىنى قىلىپ، بىر كۈندە 3000 يۈەندىن ئارتۇق سودا قىلغانلىقىنى ھېسابلاپ ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، دۇكان ئېچىپ خوجايىن بولۇشنى ئويلىمىغان بولاتتىم»، دېدى.

  10 يىل ئىلگىرى ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جاڭ ۋېنمېي 70 نەچچە مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ، ئىككى بالىسى بىلەن قالدى، بەزىدە كۈنىگە ئۈچ يەردە ئىشلەپمۇ قورساق تويغۇزالمايتتى. ھەر نىم بولسا چېڭفەن كەنتى بۇلتۇر 10-ئايدا كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشتەك فۇنكسىيە ئىسلاھاتىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە 38 ئۈلۈش پاي ھوقۇقى بېرىلىپ، مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكى 110 مىڭ يۈەنگە يەتتى. جاڭ ۋېنمېي «پاي ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى ئالغان ئىككىنچى ئېيى بۇ ئارقىلىق 80 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىپ، ئۆيىگە يېقىن «جىڭدۇ» دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى.

  قوشنا ناھىيەلەر ئىچىدە چېڭفەن كەنتىنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكى 157 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق تىجارەت كىرىمى 3 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  تو دامىڭ مۇنداق دېدى: مۈلكىمىز كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشلىتىلمەي، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشمىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئامما نېمىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، شۇنى ئىسلاھ قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»، دېگەن سۆزى تو دامىڭغا بەك تەسىر قىلدى. جىڭشەن ناھىيەسى 2015-يىلى 6-ئايدا مەملىكەت بويىچە كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى پاي ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇشتەك فۇنكسىيە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 29 رايونغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، چېڭفەن كەنتى نۇقتىدا سىناق قىلىش كەنتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  10 ئايلىق پاي ھوقۇقى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، چېڭفەن كەنتى تىرىشىپ ئىشلەپ، 60 نەچچە قېتىم كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى، 200 قېتىمدىن ئارتۇق گۇرۇپپا يىغىنى، نەچچە مىڭ قېتىم كىچىك دائىرىدىكى ئائىلە باشلىقى يىغىنى ئاچتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر