باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر

بىر ئائىلە ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن جۈملىسىدىندۇر

قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل

2017.10.13 15:30   مەنبە: خەلق تورى

بىر ئائىلە ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن جۈملىسىدىندۇر

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ: « يۇرتۇمدىكى بۇ بەش يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر» تېمىسىدا ماقالە توپلاش پائالىيىتى تەشكىللىگەنلىك خەۋىرىنى تور تاراتقۇسىدىن كۆرۈپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. مۇشۇ پۇرسەتتە مەن يېقىنقى بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى ئاددى يازمام ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئىپادە قىلماقچىمەن .

  مەن بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، يەنە كىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىقىدىن پەللىمۇ – پەللە ئىلگىرىلەپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇغالتىرلىق ئىش ئورنىغا چىققان (ئادەتتىكى بىر دېھقاندىن رەسمىي ئىشتاتلىق دۆلەت كادىرىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن) كىشى ئىدى. ئاپام ئوقۇمۇشلۇق ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. مەن بالىنىڭ تۆتىنچىسى ئىدىم . مەن ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن يىلى دادام قازا قىلدى. شۇ چاغدا ئەڭ كىچىك ئىنىم ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن، ئاكامنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان يەتتە بالا مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم باسمىغان ئىدۇق. جان سانىمىز كۆپ بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. بىرسىمىزدىن ئاشقاننى يەنە بىرسىمىز كىيەتتۇق. دادامنىڭ ۋاپاتى ئائىلىمىز ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش بولدى. ئائىلە ئىشلىرىدىن باشقا ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئارلاشمىغان ئاپامنىڭ بېشى قاتقان، بىزنى قانداق قىلىپ قاتارغا قوشۇش (لاياقەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش)نى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالغانىدى. شۇ كۈنلەردە تەشكىل بىزگە غەمخورلۇق قىلدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغان چوڭ ئاچامنى ئىشتاتلىق كادىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە تۆت بالا، ئاپام قۇشۇلۇپ بەش نوپۇسقا نەپىقە پۇلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بەردى، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولدۇق. ھازىر خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىككى ئىنىمدىن باشقا قالغان ئالتىمىز تەشكىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتىمىز. ئائىلە شارائىتىمىز ياخشى، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم، ئىناق- ئىجىل ئۆتۈۋاتىمىز.

  مەن 1990–يىلى 8-ئايدا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ، ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقسىم قىلىندىم. 1997-يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، ئادەتتىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن يېزا مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ بۇغالتىرى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورى، ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرىلىق سالاھىيىتىگىچە بولغان خىزمەت مۇساپەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتتۈم. 27 يىللىق خىزمەت ھاياتىمنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېزا ۋە ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلامدا ئۆتتى.

  مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا ئۈسۈپ يېتىلدىم. 1990–يىلىدىن 2000- يىلىغىچە بولغان ئون يىللىق خىزمەت ھاياتىممۇ ئاشۇ باغرى ئىللىق بىپايان دالىدا __ يېزىدا ئۆتتى. ئۆمۈر مەنزىلىمگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى يالداما قىلغان ئاشۇ يىللاردىكى ئەسلىمىلەر ھېلىھەم ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ. شۇنداق، ئۇ چاغلاردا يېزا يوللىرى توپا – تۇمان، ئوي – دوڭغۇل بولۇپ، يول يۈرۈش تولىمۇ تەسكە چۈشەتتى. ئاز بىر قىسىم ھارۋىلىقلار ياكى ۋېلىسپىت مىنىۋالغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كوپ قىسىم كىشىلەر پىيادە سەپەر قىلاتتى. ھارۋىلىق دېيىلگەندىمۇ بىر ئائىلىنىڭ ھارۋىسىغا بىرقانچە ئائىلىلىك كىشىلەر چىقىۋالاتتى. يامغۇر ياغسا پاتقاق دەستىدىن يول يۈرۈش بەسىمۈشكۈل بولۇپ، يول – يوللاردا پېتىپ قالغان ھارۋىلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بۇلاتتى. ئىلگىرى–كېيىن سېلىنغان ياكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئۆيلىرى چالما تام، سوقما تام ياكى قۇرما تاملار بولۇپ، يامغۇر ياغسا پاناھلىق ئىزدەپ داس-چىلەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ كېچىچە ئۆرە تۇرۇشقا، تاپسىنى بىر ئالغان يامغۇر سۈيىنى بىر – بىرلەپ سىرتقا ئەپچىقىپ تۈكۈشكە توغرا كېلەتتى. ۋېلىسپىتى ياكى ئوبدانراق ئات-ئۇلاغلىق ھارۋىسى بارلار باي سانىلاتتى، قوتانلاردا بىرقانچىدىن چارۋا باقالىغانلار «ھاللانغان دېھقان» ھېسابلىناتتى، «بېيىش باشلامچىسى» نامى بىلەن چوڭ – كىچىك يىغىنلاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىناتتى ...

  خىزمەتكە چىققان يىلى، تۇنجى ئايلىق مۇئاشىمنى ئېلىپلا كوپېراتىپنىڭ ماگىزىنىغا چاپتىم. ئايلىق ئىش ھەققىم 147.5 يۈەن بولۇپ، ئىككى ئايلىق ئىش ھەققىمگە بىر دانە ۋېلىسپىت سېتىۋالغىلى بۇلاتتى. ئاكامنىڭ كېپىللىك بېرىشى بىلەن يۈز يۈەننى ئالدىن تاپشۇرغاندىن باشقا قالدى پۇلنى يەنە ئىككى ئايدا ئۈزىدىغانغا «سۇمۇروغ» ماركىلىق ۋېلىسپىتتىن بىرنى سېتىۋالدىم. شۇ چاغدىكى خوشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن. بۈگۈنكى كۈننى ئاشۇ چاغلار بىلەن سېلىستۇرغىنىمدا، تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن تېز بولغانلىقىغا خۇشال بولماي تۇرالمايمەن. شۇنداق، تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالىت يوللار، ئائىلىلەرگىچە ئەمىنلەشكەن ماشىنىلار، قول ئىشارىتى بىلەنلا ئۇدۇلىمىزدا توختاۋاتقان تاكسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار ... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بىلەن بۈگۈنكى تەرەققىياتنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسىدۇر. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، ھازىرقى بىر ئايلىق ئىش ھەققىمگە «سۇمۇروغ » ماركىلىق ۋېلىسپىتتىن ئوننى سېتىۋېلىشىمغا گەپ كەتمەيدۇ ...

  بىز بىر ئائىلىدىكى سەككىز قېرىنداش پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ساغلام ئۈسۈپ يېتىلدۇق. يوقىرىلاپ ئوقۇيالىغانلىرىمىز تۇلۇق كۇرس مەلۇماتىغا، ئەڭ تۆۋەت ئوقۇغانلىرىمىزمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان بولۇپ، ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزگە خاس تۇرمۇش يۇلىنى تاللىغانىدۇق.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى