خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئۆكتەبىر كۈنى سائەت توققۇزدا، بېيجىڭ خەلقارا ئايرودرومى ئالتۇن رەڭ قۇياش نۇرىغا چۈمگەن بولۇپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئاق رەڭلىك بىر ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىغا قوندى.
«بىز بىرىنچى بولۇپ بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بېيجىڭ سىرتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز، ناھايىتى ھاياجانلاندۇق ھەمدە ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلماقتىمىز». ئىچكى موڭغۇلنىڭ بايانچوردىن كەلگەن ۋەكىل، ئايال ئوقۇتقۇچى لى فېڭئې ئايروپىلاندىن چۈشتى، ئۇنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدا ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ: «بۇ قېتىمقى يىغىن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، ئىلگىرىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان يىغىن، پارتىيە تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق يىغىن»، دېدى.
جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى، دۇنيا بېيجىڭ ۋاقتىغا كىردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن 2200دىن ئارتۇق ۋەكىل ئايروپىلان، پويىز ۋە ئاپتوموبىل بىلەن كەينى-كەينىدىن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، 4 مىليون 500 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ قېتىمقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرماقتا. مانا مۇشۇنداق مۇھىم تارىخىي پەيتتە چاقىرىلغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ.
15-ئۆكتەبىر سائەت 20گىچە، بېيجىڭ سىرتىدىكى ئون نەچچە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 19-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئۆز قەرەلىدە يىغىنغا قاتنىشالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول قاتارلىق تارماقلار ۋە ۋەكىللەر چۈشكەن مېھمانخانىلار ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى