باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

2017.10.16 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى (سەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 ئۆتكەندە خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتى ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز :

  1، جەزىملەشتۈرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەرقايسى مۇخبىرلار، يەنى دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلار، ھەمدە چەتئەللىك مۇخبىرلار، سىلەر 10- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 14:00دىن 19:00غىچە ۋە 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 9:00دىن 12:00غىچە ئاخبارات مەركىزىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى "دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى"، "شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى" ۋە "چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنى" دېگەن ئورۇنلارغا بېرىپ تەكلىپنامىلەرنى ئېلىۋېلىڭلار.

  2، ھەرقايسى مۇخبىرلار، سىلەر مەزكۇر يىغىنغا كىرىشتىن 60 مىنۇت بۇرۇن، قولۇڭلاردىكى تەكلىپنامىلەر ئارقىلىق (بىر تەكلىپنامە ئارقىلىق پەقەت بىرلا كىشى كىرىشكە بولىدۇ) ۋە يىغىندا زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى ئارقىلىق، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، (يېنىڭلاردا بىرگە ئېلىپ كەلگەن سۈرەتكە ئېلىش ئەسۋابى ۋە سىن تارتىش ئەسۋابى دېگەندەك ئەسۋابلارنىمۇ بىرلىكتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ)، يىغىن مەيدانغا كىرىپ، شۇ يىغىن مەيدانىنىڭ 3- قەۋىتىگە چىقىپ، شۇ ئالتۇن رەڭلىك زالىدىكى بەلگىلەنگەن رايوندىن ئورۇن ئېلىڭلار.

  3، زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى زىيارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارغا بېرىلگەن "ئاپتوموبىل توختىتىش كىنىشكىسى" بويىچە، تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى بەلگىلەنگەن رايوندا توختىتىلىشى كېرەك.

  4، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدانى يىغىنغا قاتناشقانلارنى ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئۇ سىمسىز تورنىڭ تورغا چىقىش مەخپىي نومۇرى تەسىس قىلىنمايدۇ). ئۇ سىمسىز تورنىڭ نامى «Press conference».

  5، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ؛ ئاخبارات مەركىزى ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش جامائەت سىگنالى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مۇخبىرلار، دىققەت! سىلەر سىمسىز تارقاتقۇچ ئۈسكۈنىلەرنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىرمەڭلار! يان تېلېفونۇڭلارنى ئاۋازسىز ھالەتكە تەڭشەپ قويۇڭلار ياكى ئۇنى تاقىۋېتىڭلار!

  6، خەلق سارىيىنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، يان تېلېفوننىڭ ئۆز تارتىم تايىقىنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كىرمەڭلار!

  19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر