باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلىنىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى (2)

2017.10.16 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوئال: ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلما ۋە تارقىلىشى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

  جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەرنى سايلاش جەريانىدا، ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدى. سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى بىرقەدەر مۇۋاپىق، تۈرلۈك قۇرۇلما نىسبىتى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا:

  بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى روشەن ئۆستى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى 771 نەپەر بولۇپ، %33.7نى ئىگىلىدى، 18-قۇرۇلتايدىكىدىن 79ى كۆپىيىپ، 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشچى پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى 198 نەپەر (پارتىيەلىك دېھقان ئىشلەمچى 27 نەپەر) بولۇپ، %8.7نى ئىگىلىدى. دېھقان پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى 86 نەپەر بولۇپ، %3.8نى ئىگىلىدى. كەسپىي تېخنىكا خادىمى پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى 283 نەپەر بولۇپ، %12.4نى ئىگىلىدى.

  ئىككىنچىسى، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئاشتى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 551 نەپەر بولۇپ، 18-قۇرۇلتايدىكىگە قارىغاندا 30 نەپەر ئېشىپ، %24.1نى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 264 كە يېتىپ، 18-قۇرۇلتايدىكىگە قارىغاندا 15 نەپەر ئېشىپ، %11.5نى ئىگىلىدى، 43 ئاز سانلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 31 ئۆلكە بويىچە ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇ جايدىكى ئايال پارتىيە ئەزاسى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسىنىڭ شۇ جايدىكى ئومۇمىي پارتىيە ئەزالىرى سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى.

  ئۈچىنچىدىن، ۋەكىللەر كەڭ دائىرىدە تارقالغان. سايلانغان ۋەكىللەر ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي-قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر بويىچە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، بازار، كەنت، گۇرۇپپا ۋە كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىق ھەر قايسى قاتلام، ئورگان، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر بار.

  تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق. سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 51.8 ياش بولۇپ، 18-قۇرۇلتايدىكىگە قارىغاندا 0.2 ياش تۆۋەنلىگەن.

  بەشىنچى، ۋەكىللەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە، ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىدىكىلەر 2154 نەپەر بولۇپ، %94.2ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ۋەكىل 727 نەپەر بولۇپ، %31.8ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاسپىرانتلار 1227 نەپەر بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ %53.7ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئالتىنچى، ھەر قايسى مەزگىللەردە پارتىيەگە كىرگەن ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بار. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە پارتىيەگە كىرگەنلەر، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە پارتىيىگە كىرگەنلەر، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋرىدە پارتىيەگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پارتىيەگە كىرگەنلەر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

  بۇ ئالاھىدىلىكلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، پارتىيەمىز مۇستەھكەم سىنىپىي ئاساسقا ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، مەڭگۈ جۇشقۇن تۇرىدىغان ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچگە ئىگە.

  سوئال: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 89 مىليون نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قانداق قىلىپ بۇنچە كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن؟

  جاۋاب: 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قاتتىق تەرتىپ، باسقۇچلار بويىچە سايلاپ چىقىلدى. مەركەز تارقاتقان «ئۇقتۇرۇش»تا ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىدىغان بەش ئاساسىي ھالقا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپ ئىسخېمىسى»نى ئىشلەپ تارقاتتى. ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا بولۇش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىرلىشىش، قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش، دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، نامزات كۆرسىتىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەندى. مەركەز 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سانىنى ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىپ چۈشۈرۈپ بەردى، ھەر قايسى سايلام ئورۇنلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ، نامزات كۆرسىتىشكە تەۋسىيە قىلدى. بەزىلىرى سان تەقسىماتىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش نىسبىتى بويىچە نامزات كۆرسەتتى، بەزىلىرى ئەسلىي سان تەقسىماتىدىكى سان بويىچە نامزات كۆرسىتىشكە تەۋسىيە قىلدى، بەزى جايلاردا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى نامزات كۆرسىتىشكە پائال قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

  ئىككىنچى، دەرىجىمۇ دەرىجە سېلىشتۇرۇلۇپ، ئەلالىرى تاللاندى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن باشلاپ، تەۋسىيە قىلغان ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا قەدەر، ئاندىن سايلام ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قەدەر، ۋەكىللەر نامزاتىدا دەرىجىمۇدەرىجە ئەلالىرى تاللاندى. ئاساسىي قاتلام پارتكومى كۆپ ساندىكى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىلگەن نامزات يۇقىرىغا سۇنۇلۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان ئورۇنلار پارتكومى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، كۆرسىتىلگەن نامزات مۇزاكىرە قىلىنىپ، سايلام ئورۇنلىرى ئايرىم-ئايرىم پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى (خىزمەت كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپىىسى يىغىنى) ۋە پارتكوم ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، ۋەكىللەر نامزاتىنىڭ دەسلەپكى نامزاتلىرى، تەييارلىق نامزاتى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى. بىر قىسىم سايلىغۇچى ئورۇنلار تەۋسىيە نامزاتى، دەسلەپكى نامزات، تەييارلىق نامزاتنى ئارتۇق بېكىتىپ، پۈتۈن جەرياندا ئارتۇق نامزات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشىلىرىنى تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئۈچىنچى، تەشكىلىي جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرۈلدى. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەپ، نامزاتنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ھەقىقىي ئۆتۈشكە ئۇيغۇنلاشتۇردى.

  تۆتىنچى، سايلام يىغىنى ئەتراپلىق تەشكىللەندى. پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ ئېچىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق سايلام چارىسى تۈزۈلدى.

  چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ۋەكىللەر 19-قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن يەنە 19-قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەرىپىدىن سالاھىيىتى تەكشۈرۈلۈپ، سالاھىيىتى ئۈنۈملۈك دەپ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ۋەكىللەر 19-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدۇ. قائىدە بويىچە، مەركەز يەنە بىر قىسىم رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنىپ چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى ئالاھىدە ۋەكىل سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىپ يىغىنغا قاتناشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر