باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ئالتە مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە سەككىز مەيدان كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزىدۇ

2017.10.17 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى ئالتە مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، سەككىز مەيدان كوللېكتىپ زىيارەت ئۆتكۈزىدىكەن.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە كوللېكتىپ زىيارەتنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى توغرىسىدا

  رىياسەتچى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى

  ئورنى: «مېيدىيا» مەركىزىنىڭ 2-قەۋەت ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى

  1. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  2. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنى سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  3. مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  4. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  5. مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  6. مەركىزىي كومىتېت مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  كوللېكتىپ زىيارەت توغرىسىدا

  رىياسەتچى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى

  ئورنى: «مېيدىيا» مەركىزى

  سىياسىي قانۇن، سانائەت، ئالاقە كەسپى، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك، مائارىپ، ئارمىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ زىيارەتكە قاتنىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  پائالىيەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى، باش تېمىسى، ئېلان قىلغۇچىسى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش كىنىشكىسى بىلەن «مېيدىيا» مەركىزىنىڭ شىمالىي ئىشىكىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، مەيدانغا كىرسە بولىدۇ (بەزى زىيارەتكە تىزىملىتىپ قاتنىشىشى كېرەك، كونكرېت ئەھۋال ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ). مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئاپتوموبىلى كىنىشكىسى بولسا، ئاپتوموبىلنى «مېيدىيا» مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (شىمالىي ئىشىكتىن كىرىدۇ)، «شىجىتەن» ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (غەربىي ئىشىكتىن كىرىدۇ)غا توختاتسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر