باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

2017.10.17 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى، ئورۇنلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇشى؛ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسدا تۇرۇپ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى؛ ئۈستىگە ئالغان ئېغىر تارىخىي بۇرچنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى، ئىنتىزام جەھەتتىكى، ئەخلاق جەھەتتىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر