باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.10.17 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتىكى ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30دىن 8:40قىچە خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ مەيدانغا كىرىدۇ.

  2. فوتو، سىن مۇخبىرلىرى ۋە يېزىق مۇخبىرلىرى زالنىڭ 2-قەۋىتى 5-نومۇرلۇق ئىشىكىدىن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، 2-قەۋەتنىڭ 3-، 5-، 7- رايونىدىكى مۇخبىرلار ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ؛ يېزىق مۇخبىرلىرى زالنىڭ 3-قەۋىتى 5-نومۇرلۇق ئىشىكىدىن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، 3-قەۋەتتىكى زالنىڭ 3-،5-،7-رايونىدىكى مۇخبىرلار ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ.

  3. مۇخبىرلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىللار يىغىننىڭ ئاپتوموبىل كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ بېكىتىلگەن ئورنىغا توختىتىلىدۇ.

  4. ئېچىلىش يىغىنى ئاخىرلىشىپ 10 مىنۇتتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ 2-قەۋىتى جەنۇبىي زالىدا مۇخبىرلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، مۇخبىرلار زىيارەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ تارقىتىش سۇپىسىدىن ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  5. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېچىلىش يىغىنىنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىدۇ. ئاخبارات مەركىزى ئېچىلىش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش جامائەت سىگنالى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئېچىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان تاراتقۇلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىن مەيدانىغا ئەكىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  6. خەلق سارىيىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە، يان تېلېفوننىڭ رەسىم تارتىش دەستىسىنى ئەكىرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر