باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ئىزدىنىش قانىلىدا ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى» قويۇلدى

2017.10.17 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئىزدىنىش قانىلىنىڭ ئۈچ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى « China:Time of Xi» (جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى)نىڭ تۇنجى قويۇلۇشى 16-ئۆكتەبىر كەچتە تاماملاندى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈرىدىغان پىروگراممىنىڭ خەلقئارادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ فىلىم 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزدىنىش قانىلىنىڭ ئاسىيا تېلېۋىزىيە تورىدا كۆرسىتىلىپ، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، ھىندىستان، تايلاند، مالايسىيا قاتارلىق 37 دۆلەت ۋە رايوندىكى 200 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتنى قاپلىدى.

  «جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى» فىلىمى ئۈچ قىسىم بولۇپ، بىرىنچى قىسىمى «خەلق مۇھەببىتى»دە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، داۋالاش ئىسلاھاتى، مائارىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلقنى مەركەز قىلىش»تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى مەركەزلىك شەرھلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن؛ ئىككىنچى قىسىمى «چوڭ تۈزەش»تە يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي مىساللار بايان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى مەركەزلىك شەرھلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن؛ ئۈچىنچى قىسىمى «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەر نامايان قىلىنغان.

  پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كېۋىن رۇد، ئامېرىكا ئالىمى روبېرت كۇھن، ئەنگلىيەلىك ئالىم مارتىن ياك، سېنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋىرسىتىتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېن يوڭنيەن، زامبىيەلىك ئىقتىسادشۇناس دەن پىسا مويۆ قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە دۇنياغا بەرگەن ئىلھامىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  بۇ فىلىمنى ئىزدىنىش قانىلى، ئەنگلىيە مېرىدىئان ئىشلەش شىركىتى ئىشلىگەن، ئىزدىنىش قانىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تېلېۋىزىيە تورىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى ۋېكران ۋە ئەنگلىيەلىك نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە فىلىم ئىشلىگۈچى لىزا مەكلېئود نازارەت قىلغان بولۇپ، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سىنگاپور، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر