باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى - سىنلار

«پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا!»

2017.10.17 15:40   مەنبە: خەلق تورى

 


 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. سىز بۇ ھەقتە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

  19- قۇرۇلتاي مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەتتە بولۇش، قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئېنىق جاكارلايدۇ.

  بۇ يىل 9- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا 19- قۇرۇلتاي توغرىسىدىكى بىر مۇھىم سىگنال ئاشكارىلاندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن پارتىيە نىزامنامىسىغا مۇۋاپىق تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزىدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخىدا پارتىيە نىزامنامىسىغا 17- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  پارتىيەنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان پارتىيە نىزامنامىسى 1982- يىلى 9- ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، 13- قۇرۇلتايدىن تارتىپ 18- قۇرۇلتايغىچە بولغان ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتايدا پارتىيە نىزامنامىسى 1982- يىلىدىكى پارتىيە نىزامنامىسى ئاساسىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن. مەسىلەن، 14- قۇرۇلتايدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيە پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلگەن. 15- قۇرۇلتايدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 16- قۇرۇلتايدا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئۇ مۇھىم ئىدىيە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى بىلەن بىللە پارتىيەمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 17- قۇرۇلتايدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلگەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ چۈنكى، بۇ قۇرۇلتاي دەل دۆلىتىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ھەمدە تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ تاماملىنىدۇ؛ ئۇ ھەم شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە ۋە تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر. 2020- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشقاندىن كېيىن، بىز پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا قوزغىتىمىز.

  پۈتكۈل خەلق ئارزۇ قىلىدىغان ھاللىق جەمئىيەت زادى قانداق بولىدۇ؟ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ بەش جەھەتتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭىچە تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2010- يىلىدىكىگە قارىغاندا بىر قاتلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، پۇقرالارنىڭ قولىغا تېخىمۇ كۆپ پۇل كىرىدۇ.

  پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىدا، ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان، ئىستراتېگىيەلىك ھالدىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكگە ئىگە بولغان ھەرىكەت پىروگراممىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقى تولىمۇ مۇھىم، چۈنكى، ئۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى بەلگىلەيدۇ.2020 ـ يىلىغا يەنە ئۈچ يىلدىن ئاز ۋاقىت قالدى، يەنى، دۆلىتىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش مۇساپىسى بىر ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.

  19- قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا! ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈتىۋالايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى