باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.10.18 15:58   مەنبە: خەلق تورى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2354 كىشى.

  تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2307 كىشى.

  يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 22 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى، 243 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، ليۇ يۈنشەننى قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپپارات قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاينىڭ قارالمىسى تۆۋەندىكىچە: 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنى سايلاش، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ليۇ يۈنشەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ قاتارلىق 42 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  ئارقىدىن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىننىڭ قارالمىلىرى ئورۇندالدى. يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ليۇ چىباۋ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، لى جەنشۇنىڭ قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇشى ماقۇللاندى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ماقۇللاندى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەتتىكى سايلام ئورۇنلىرى سايلىغان ھەم مەركىزىي كومىتېت تەستىقلاپ ئېلان قىلغان ۋەكىل جەمئىي 2287 كىشى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2280 ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بېكىتىلدى، قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل 2280 كىشى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى بۇلتۇر 11-ئايدا باشلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، سايلام ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنى سايلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى