باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

2017.10.20 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش

  يېڭى دەۋىرگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشلار يېتەكچىلىك ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  دوكلاتتا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن «14 ماددىلىق چىڭ تۇرۇش»نىڭ 1- ۋە 14- ماددىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش» ۋە «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇش» بولدى. دوكلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا يەنە «قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش» نۇقتىلىق تەكىتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمى تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىردى. پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. «كۆزىتىشتە يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەت قىلىش تورىنى ئورنىتىش»، «دۆلەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش» قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەر دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈپ، مۇكەممەل، مۇستەھكەم بولغان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر