باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان يېڭى تەدبىرلەر: پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

2017.10.20 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان يېڭى تەدبىرلەر: پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  دوكلاتتا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدىنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە يۈزدىن ئارتۇق يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رولى بار.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىگە «بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش» ۋە «ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش» كۆپەيتىلىپ، بالىلارنى ئاسراپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، مېيىپ، ئاجىز ۋە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە يار-يۆلەك بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى؛ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش»، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى... دوكلاتتا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈسى.

  كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دوكلاتتا، كەلگۈسىدىكى ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەكىتلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يەنە نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر