باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

نەزەرىيە جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش يېڭى نەتىجىسى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى

2017.10.20 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  نەزەرىيە جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش يېڭى نەتىجىسى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى

  19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، نەزەرىيە جەھەتتىكى زور يېڭىلىقلارنىڭ يارىتىلىشىنىڭ نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دېگەنلىك، ماركىسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق ئىدىيەلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، ئۇ ھەم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى — پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. دوكلاتتا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «سەككىز ئېنىق» ۋە «14 چىڭ تۇرۇش»تىن تەركىب تاپقان يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تاكتىكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىككىسى ئۆزئارا بىر گەۋدە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ رامكىسىنى ئورتاق ھاسىل قىلدى.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى — پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى ۋە ئىدىيەۋى قورالىدۇر. دوكلاتتا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مۇنداق مەزمۇنلار كۆرسىتىلدى: 21- ئەسىردە جۇڭگو ماركسىزمى جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەققانىيەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر