باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىك نىشانى: زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش

2017.10.20 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىك نىشانى: زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش

  تەرەققىيات — پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھازىر يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا بۇرۇلۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي سىستېمىنى قۇرۇش بولسا، ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىك نىشانىدۇر.

  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانى پۈتۈنلۈككە ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىك ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىقتىسادىي مىقدار كۆرسەتكۈچى بىلەن قانائەتلىنىپ قالمىغان.

  دوكلاتتا، چوقۇم سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنلىگۈچى تەرەپ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش، ئۈنۈمىىنى ئۆزگەرتىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر