قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ يېڭى پىلانى پۈتۈلدى، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى شۇكى، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.
ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان ئىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورغاق بىلەن بولقىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە گېربى ئېسىلغان، 10 قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ تىزىلغان ئىدى. 2- ۋە 3-قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!»، «ئۇلۇغ، شەرەپلىك، دانا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان ئىدى.
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، ما كەي، ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى جيەنگو، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، جاۋ لېجى، خۇ چۈنخۇا، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، خەن جېڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۈەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ياڭ جىڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
قۇرۇلتايغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى»نى جاراڭلىق ئوقىدى. ئارقىدىنلا، بارلىق يولداشلار ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق مەرھۇم پىشقەدەم بىر ئەۋلاد پرولېتارىيات ئىنقىلاپچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
لى كېچياڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2280 كىشى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 74 كىشى، جەمئىي 2354 كىشى بولۇپ، بۈگۈن ئەمەلىي قاتناشقانلار 2338 كىشى، دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى دوستلارنى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى