- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ــ يولداش شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتتىن ئۈزۈندىلەر
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى
جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش
2017.10.19 14:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.
قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى شۇكى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەممىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتۇر، بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ــ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەڭگۈ قاتماللىشىپ قالماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر