باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

يېڭى كۈرەش نىشانى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش

2017.10.20 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  يېڭى كۈرەش نىشانى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش

  19- قۇرۇلتايدىن 20- قۇرۇلتايغىچە بولغان ۋاقىت بولسا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشكەن مەزگىلىدۇر. دوكلاتتا، ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەم قولايلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يەنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتەك نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېڭى كۈرەش نىشانى «ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە» بولغان ۋاقىتنى ھالقىغان بولۇپ، ئۇ چوڭ نىشان بولسا، ئۈچ كىچىك نىشان، ئىككى باسقۇچ ۋە ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشقا بۆلۈنگەن، ھەم ئۇنىڭدا «يېقىنقى مەزگىل، ئوتتۇرا مەزگىل، يىراق مەزگىل»لىك نىشانلار ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن.

  دوكلاتتىكى ئاتالغۇغا ئاساسلانغاندا، «ئۈچ نىشان» ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2035- يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق ۋە گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. «ئىككى باسقۇچ» ۋە «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» بولسا، 2020- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئىككى 15 يىللىق كۈرەش نىشانى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «2035- يىلىغىچە بولغان نىشان» ئېلىمىز تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يەتمەكچى بولغان تەرەققىيات سەۋىيەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يەنى 2035- يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جەرياننى 15 يىل قىسقارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر